59لَقَد أَرسَلنا نوحًا إِلىٰ قَومِهِ فَقالَ يا قَومِ اعبُدُوا اللَّهَ ما لَكُم مِن إِلٰهٍ غَيرُهُ إِنّي أَخافُ عَلَيكُم عَذابَ يَومٍ عَظيمٍ شەك شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى